ھەربىي تەپتىش دوبىن ئىتى

نەمۇنە 7.4 · يىل 2022 ·

تۈر: كىنو · كىنوخانا48

قىسقىچە مەزمۇن: ئەگەر كىنو چىقمىسا ئاستىدىكى《تېلىۋۇزۇر》 دېگەننى بېسىپ ئەپچىدىن كۆرۈڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە دو بىڭۋاڭ ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوقۇش تارىخى سەۋەبلىك خىزمەت تاپالماي يۈرگەندە «يۇڭگۇ» ئىسىملىك بىر كىشى پەيدا بولۇپ، نۇرغۇن پۇل بېرىش بەدىلىگە ئۇنى ھەربىي قىسىمغا ئەۋەتىدۇ. بەش يىلدىن كېيىن ھەربىي تەپتىش ئەمەلدارى دو بىڭۋاڭ يۇڭگۇ بىلەن پۈتۈشكىنى بويىچە پۇلنى ئېلىپ ھەربىيلىكتىن چېكىنمەكچى بولىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگەن ئايال تەپتىش ئەمەلدارى چا يۇئىن يېتىپ كېلىپ، دو بىڭۋاڭنىڭ پۇلنى ئېلىپلا تىكىۋېتىش شېرىن خىيالى بەربات بولىدۇ. ئەسلىدە بۇ قىز يۇڭگۇنىڭ كەينىدىكى غوجايىندىن قىساس ئالغىلى كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن قىلچىلىكمۇ مۇناسىۋىتى يوق ئىككەيلەن دو بىڭۋاڭغا پۇل بەرگەن يۇڭگۇ سەۋەبلىك چەمبەرچاس باغلىنىپ قالىدۇ. چا يۇئىن ئاخىرىدا قان قىساسىنى ئالالامدۇ؟ پۇلغا دۈم چۈشكەن دو بىڭۋاڭ بىلەن قىساسكار قىز چا يۇئىن ئوتتۇرىسىدا قانداق ئاجايىپ ھېكايىلەر يۈز بېرەر؟

پاش قىلىش

ھەممىنى كۆچۈرۈش = نام + مۇقاۋا + بەت + تىپ + قىسىم ئادرېسى؛ پەقەت بۇ بېكەت تورىدا ئىشلەيدۇ