چاڭجىن كۆلى 2: شۇيمېن كۆۋرۈكى
نەمۇنە 8.3 · يىل 2025 ·
تۈر: كىنو · كىنوخانا68
قىسقىچە مەزمۇن: جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمى 9-بىڭتۇەن 7-ليەنى شىنشىڭلىدىكى جەڭدە نۇسرەت قۇچقاندىن كېيىن يەنە بىر مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئۇلارنى بۇ قېتىم كۈتۈپ تۇرغىنى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە خەتەرلىك جەڭ مەيدانى بولۇپ، ئۇلار مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق ئېغىر سىناق ئالدىدىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئوت دېڭىزى بولسىمۇ باش تارتماسلىققا قەسەم ئىچىدۇ. 7-ليەندىكى باتۇر ئەزىمەتلەر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىش يولىدىكى مۇھىم بوغۇز شۇيمېن كۆۋرۈكىنى پارتلىتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدۇ، بىراق ھىيلىگەر دۈشمەنلەر كۆۋرۈكنى ناھايىتى تېزلا رېمونت قىلىپ، جەڭچىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن زور تىرىشچانلىقى كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئۈچىنچى قېتىم 7-ليەندىكى جەڭچىلەر جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ، يەنە بىر قېتىم كۆۋرۈكنى پارتلىتىدۇ. خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بۇ قەيسەر ئەزىمەتلەر بۇ رەھىمسىز جەڭ مەيدانىدا قانداق خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرەر؟ ۋۇ جىڭ، يىياڭ چيەنشى باشچىلىقىدىكى ئارتىسلار رولىنى ئالغان قەھرىمانلار ئاخىرىدا قايتىپ كېلەلەرمۇ؟
ھەممىنى كۆچۈرۈش = نام + مۇقاۋا + بەت + تىپ + قىسىم ئادرېسى؛ پەقەت بۇ بېكەت تورىدا ئىشلەيدۇ